Biwapa-文本歌词

Biwapa-文本歌词

发行日期:

ۋاپا دەپ ئىزدىدىم چارە

دىلىم سەرسانە-سەرسانە

ۋاپاسىز يارنى سۆيگەندىن

ئۆتەيمەن يەككە-يىگانە

ئېي…

ۋاپاسىز يارنى سۆيگەندىن

ئۆتەيمەن يەككە-يىگانە

سۆيگۈلەرمۇ ۋاپا دەيدۇ

يۈرەك ۋاپانى ئىزدەيدۇ

يۈرەكتىن سۆيمىگەن يالا

ۋاپا قەدرىنى بىلمەيدۇ

ئېي…

يۈرەكتىن سۆيمىگەن يالا

ۋاپا قەدرىنى بىلمەيدۇ

♪ ♬ ♪

باھار كەلمەي ئېچىلماسمۇ

بېغىمدىكى قىزىل گۈللەر

كۆڭۈل دەپ تارتقىنىم ئازمۇ

ئەلەمدە ياشلىنىپ كۆزلەر

ئېي…

كۆڭۈل دەپ تارتقىنىم ئازمۇ

ئەلەمدە ياشلىنىپ كۆزلەر

سەھەردە سايرىغان بۇلبۇل

كۈيى مۇڭلۇق كۆزى نەمدە

سۆيگۈنى خارلىغانلانىڭ

ئۆتەر ئەمدى كۈنى غەمدە

ئېي…

سۆيگۈنى خارلىغانلانىڭ

ئۆتەر ئەمدى كۈنى غەمدە