سىنى كۆردۈم جاندىن ئەزىز
لېكىن بىلمىدىڭ
ياخشى كۆردۈم لېكىن جېنىم
مېنى سۆيمىدىڭ
باشقا يارغا مەستانە بولۇپ
تاشلىدىڭ مېنى
چىن ئەقىدەم خار بولدى
سېنىڭ قولۇڭدا
ھوووي
سېنىڭ قولۇڭدا
بىلمىدىڭ سۆيگەنىمنى
سېنىڭ ئازابىڭدا كۆيگەنىمنى
كۆرسەتمە يار سەۋەبىڭنى
زار قىلما يۈرەگىمنى
زار قىلما يۈرەگىمنى
سەن ئۈچۈن يۈرەكلەر كۆيۈپ كەتتى
ئەقىدەم سەن بىلەن بىرگە كەتتى
بىلمىدىڭ يەنىلا يالغۇز قالدىم
ئايرىلما مەندىن
سەن ئۈچۈن يۈرەكلەر كۆيۈپ كەتتى
ئەقىدەم سەن بىلەن بىرگە كەتتى
بىلمىدىڭ يەنىلا يالغۇز قالدىم
ئايرىلما مەندىن
ھوووي
ئايرىلما مەندىن
♪ ♬ ♪
ساڭا ئېيتسام چۈشەنمەيسەن
تارتقان دەردىمنى
ئۆكۈنىسەن ھامان بىر كۈن
بىلسەڭ قەدرىمنى
سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر
خاتىرە بولدى
بەخىتلىك بول مەڭگۈ جېنىم
تىلەي بەختىڭنى
ھوووي
تىلەي بەختىڭنى
سەن ئۈچۈن يۈرەكلەر كۆيۈپ كەتتى
ئەقىدەم سەن بىلەن بىرگە كەتتى
بىلمىدىڭ يەنىلا يالغۇز قالدىم
ئايرىلما مەندىن
سەن ئۈچۈن يۈرەكلەر كۆيۈپ كەتتى
ئەقىدەم سەن بىلەن بىرگە كەتتى
بىلمىدىڭ يەنىلا يالغۇز قالدىم
ئايرىلما مەندىن
ھوووي
ئايرىلما مەندىن