Ghemkin 忧愁 - Ablajan Awut Ayup-文本歌词

Ghemkin 忧愁 - Ablajan Awut Ayup-文本歌词

发行日期:

作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
مەيىن شامالدىن پۇرىدىم ھىدىڭنى
‎ئەسلەتتى قايتا ماڭا ئازابىمنى
‎ئۇنتۇشقا ئامالسىزمەن ئەي گۈزەل قىزچاق
‎ئېچنېمەن ئويلاپ گۈدەكلىكىمنى
‎چۈشەندۈرگۈم بار لېكىن
‎جۈرئەت يوق ھالىم مىسكىن
‎كۈنۈم يوقتۇر ئۆتكەن خۇشال
‎ بولىدۇم بىچارە غەمكىن

‎زادى ئۇنۇتالمىدىم مېھرىڭنى ئەسلا
‎ مەن چىن سۆيگۈڭگە تەشنا
‎ئۆزۈمنى يالغۇز چۆل-جەزىرىدە سەزدىم
‎قايتا قايتا خاتىرەمنى كەزدىم

‎خاتالىقىمنى بىلدىم
‎ئەپسۇس،تولىمۇ كېچىكتىم

‎بولىسەن نامايەن كۆز ئالدىمدا
‎كۆز ئالدىمدا ئەمەس ئەسلى خىيالىمدا
‎ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى تۇيغۇمدا
‎مەن بەختلىك پەقەت سەن بىلەنلا
‎يوقتۇر كەلگۈسۈمدىن قىلچە ئۈمىد
‎ياشايمەن چىن گۈزەل ئۆتمۈش قوينىدا
‎گەر دېرىكىڭنى بىلسەم بىركۈنى
‎مەن تەييار قەيەر بولسۇن بېرىشقا